ئامېرىكا ئىراقتىكى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

كىربى بۈگۈن ئىراقتىكى ئەيىن ئەلئەسەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1594686
ئامېرىكا ئىراقتىكى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەيىن ئەلئەسەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمى جەريانىدا ئامېرىكالىق بىر توختاملىق خىزمەتچىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كىربى بۈگۈن ئىراقتىكى ئەيىن ئەلئەسەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتچى كىربى بازىغا 10 راكېتا قويۇپ  بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما بىرمۇ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئامېرىكا پۇقراسى توختاملىق بىر خادىمنىڭ قوغدىنىش جەريانىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، بەختكە قارشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئۇ، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايوندا ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بازىدىكى راكېتا، زەمبىرەك ۋە مىناميوتنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ قوزغىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان كىربى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنغا ھۇجۇم ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

15- فېۋرالدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق ئەربىل ئايرودۇرۇمى، 22- فېۋرالدا باغدادىكى يېشىل رايون راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى بولسا، ئىران ھىمايىسىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىگە تەۋە سۈرىيە- ئىراق چېگراسىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ھامىيلىقىدىكى بىر خەلق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر