شىۋېتسىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

شىۋېتسىيەنىڭ ۋېتلاندا شەھىرىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 8 كىشى يارىلاندى.

1594754
شىۋېتسىيەدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ ۋېتلاندا شەھىرىدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 8 كىشى يارىلانغان، زوراۋان بىر تەرەپ قىلىنغان.

دائىرىلەر بۇ ھۇجۇمنى «گۇمانلىق تېررورلۇق جىنايىتى» تەرىقىسىدە تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى سرېفان لۆفۋېن، ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كۈچى ئارقىلىق بۇنداق قەبىھ ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر