ناتو: باش كۆتۈرۈۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئىتتپاق قۇرۇش مۇھىم

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى پورتۇگالىيە تەشكىللىگەن پارلامېنتلار ئارا پائالىيەتتە ئورتاق تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1594775
ناتو: باش كۆتۈرۈۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئىتتپاق قۇرۇش مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، مۇداپىئە جەھەتتە ئامېرىكاغا تايىنىشنى ئازايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىل بولۇشنى نىشان قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا، بۇ نىشاننىڭ ئورنىغان «ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقلىق» ئورنىتىشنى تەكلىپ قىلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى پورتۇگالىيە تەشكىللىگەن پارلامېنتلار ئارا پائالىيەتتە ئورتاق تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىدا تېررورلۇق، تور ھۇجۇمى، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يۈكسىلىشى قاتارلىق تەھدىتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ، ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

ستولتېنبېرگ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنىڭ ناتونى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماي، ياۋروپانىمۇ پارچىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ستولتېنبېرگ، بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىيىنچىلىققا ياۋروپانىڭمۇ، ئامېرىكانىڭمۇ ئۆز بېشىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ستولتېنبېرگ خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئالدىدا ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «خىتاي پات يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئە خامچوتى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىسى بار. ياۋروپامۇ، ئامېرىكامۇ بۇنىڭغا يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولغاندا ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندا چوڭ كۈچ بولۇش مۇھىم. بىز باشقا خىرىسلارنى نەزەردە تۇتۇپ، يانمۇيان تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر