گىرېتسىيە: تۈركىيە بىزگە ياردەم تەكلىپى سۇندى

گىرېتسىيە، لارىسادا يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1594451
گىرېتسىيە: تۈركىيە بىزگە ياردەم تەكلىپى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ لارىسادا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن (گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) نىكوس دېندىئاسقا تېلېفون قىلىپ، گىرېتسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. تېلېفون سۆھبىتىگە گىروزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد زالكالىيانمۇ قاتنىشىپ، دۆلىتىنىڭمۇ قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گرېتسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لارىسا شەھىرىدە 6 بال يەر تەۋرەپ، بەزى كونا ئۆيلەر، چېركاۋلار ۋە مەكتەپلەر ۋەيران بولغان بولسىمۇ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر