بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى شەنگەن بەلگىلىمىسىنى توختاتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قارشىلىقىغا قارىماستىن بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى رامكىسىدا، ياۋروپادىكى چېگرالارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان شەنگەن بەلگىلىمىسىنى توختاتتى.

1594179
بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى شەنگەن بەلگىلىمىسىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى چېگرادىن كىرىش-چىقىشلاردا يېڭى بەلگىلىمىلەرنى قويۇشقا باشلىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېز تارقىلىدىغان يېڭى تۈرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، يۇقۇمدا يېڭى دولقۇن توغرىسىدا ئەندىشە قىلىۋاتقان بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى يېقىنقى ھەپتىلەردە ۋىرۇسنىڭ تۈرلىرىگە قارشى تەدبىرلەرنى چىڭىتتى. بۇ دۆلەتلەر، گېرمانىيە، بېلگىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە ۋېنگرىيە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە چېگرالاردا تەكشۈرۈشنى باشلىغان، بەزى رايونلاردا كىرىش-چىقىشقا چەكلىمىلەرنى قويغان، زۆرۈر بولمىغان ساياھەتلەرگە ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا ۋاقىتتا قەتئىي رۇخسەت قىلمىغان بۇ دۆلەتلەرگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئەركىن ساياھەتنى چەكلىمەسلىكنى چاقىرىق قىلدى.

قاتتىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلىنغان ۋە مەكتۇپ ئەۋەتىلگەن دۆلەتلەر، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.

ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىكى بەزى رايونلاردا چەكلىمىلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال 2020-يىلى مارت ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە چېگراسىنى تاقىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن ساياھەتنىڭ چەكلىنىشى، ئەينى ۋاقىتتا قاتتىق نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر