ئامېرىكا ناۋالنىي سەۋەبىدىن رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئامېرىكا رۇسىيە ئۆكتىچى رەھبىرى ئالېكسىي ناۋالنىينىڭ زەھەرلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1593803
ئامېرىكا ناۋالنىي سەۋەبىدىن رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا رۇسىيە ئۆكتىچى رەھبىرى ئالېكسىي ناۋالنىينىڭ زەھەرلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلانمىدى.

بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىستىخابارات ئىدارىسى ناۋالنىينىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (FSB) تەرىپىدىن نوۋىچوك زەھىرى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ھەققىدە خۇلاسە چىقارغان.

ئېمبارگو قارارى رامكىسىدا، يەتتە رۇسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلدى. 14 ئورگانغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدار، رۇسىيەنىڭ بىر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بىلەن 13 رۇسىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئورگانغا، بەزى ماللارنىڭ ئامېرىكادىن مال ئېكسپورت قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ئەمەلدار، 13 شىركەتنىڭ توققۇزىنىڭ مەركىزىنىڭ رۇسىيەدە، ئۈچىنىڭ گېرمانىيەدە، بىرىنىڭ شىۋېيتسارىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ خىمىيە سانائىتىنى نىشان قىلغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئېمبارگولىرىغا جاۋاب بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ: «ئامېرىكالىق كەسىپداشلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنى ئۈلگە قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھەر دائىم سەۋەبسىز ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ» دېگەن ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر