ئامېرىكا باياناتچىسى ئىدلىبتا شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس ئالدىنقى يىلى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان 33 تۈركىيە ئەسكىرىنى خاتىرىلىدى.

1593351
ئامېرىكا باياناتچىسى ئىدلىبتا شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلىدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پرايس، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى 33 تۈركىيە ئەسكىرى، ئىدلىبتىكى سۈرىيەلىك مەسۇم پۇقرالارنى بەششەر ئەسەد كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ رۇس ۋە ئىرانلىق قوللىغۇچىلىرىدىن ۋەھشىيلىكىدىن قوغداۋاتقان بىر پەيتتە ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۇلارنى ۋە پىداكارلىقلىرىنى خاتىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز.»

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا، 2020 – يىلى، 27 – فېۋرال كۈنى بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 33 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر