ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئۇممان قولتۇقىدا پارتلىغان پاراخوتى ھەققىدە ئىراننى ئەيىبلىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئۇممان قولتۇقىدا ئىسرائىلىيەگە تەۋە پاراخوت ئۆتۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ، ئىراننىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1592710
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئۇممان قولتۇقىدا پارتلىغان پاراخوتى ھەققىدە ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېنيامىن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە ئاممىۋى تارقىتىش ئورگىنى (KAN) غا بەرگەن باياناتىدا، ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەستىن، «بۇ (ھۇجۇم) ئىراننىڭ ھەرىكىتىدۇر، بۇ تولىمۇ ئېنىق» دېدى.

بېنيامىن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ ئىران ئىكەنلىكى ۋە بۇ بارلىق رايونلاردا ئىراننى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيىد خاتىبزادە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «نىتانىياھۇنىڭ روھىي كېسىلى بار» دېدى.

خوجايىنى ئىسرائىلىيەلىك ۋە باھاما بايراقلىق  «MV Helios Ray» يۈك پاراخوتى جۈمە كۈنى ئۇممان قولتۇقىدا كېتىۋاتقاندا پارتلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر