ترامپ: مېنى سېغىنمىدىڭلارمۇ؟

ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2024-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

1592692
ترامپ: مېنى سېغىنمىدىڭلارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021-يىلى 20-يانۋار پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى دېموكراتلارنىڭ نامزاتى جو بايدىنغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دونالد ترامپ، ھوقۇقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۇتقىنى فلورىدادا ئۆتكۈزۈلگەن 2021-يللىق كونسېرۋاتىپ سىياسىي ھەرىكەت كونفېرانسىدا سۆزلىدى.

ئۇ كىشىلەر بىلەن لىق تولغان بىر زالدا، ئاساسلىقى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنى قاتتق تەنقىد قىلدى ۋە ئۆزى ھەمدە جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ نۇتقىنى «مېنى سېغىنمىدىڭلارمۇ؟» دەپ باشلىدى ۋە تۆت يىل بۇرۇن باشلىغان سىياسىي ھەرىكەتنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، بەلكى يېڭىدىن يولغا چىققانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ يېڭى پارتىيە توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بېرىپ: «يېڭى پارتىيە قۇرمايمەن، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر يالغان. جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە بىزنىڭ پارتىيەمىز. غۇرۇرلۇق، تىرىشچان ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئامېرىكالىقلار تەشكىللىگەن ھەرىكىتىمىز يېڭى باشلاندى. ئاخىرىدا بىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۋىتتېر ۋە فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ «دۆلەتتىكى كونسېرۋاتىپ ئادرېسلارنى نىشان قىلىپ تاقىۋەتكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر