رۇسىيە تىۋتتېرنى ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى تىۋتتېرنى قەستەن دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
1592735
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋى ئالاقە نازارەتچىلىك ئورگىنى (Roskomnadzor) نىڭ باياناتىدا، 2017-يىلدىن بۇيان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش، شەھۋانىيلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن تىۋىتتېرغا 28 مىڭ تەلەپ يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەزكۇر تەلەپلەرگە قارىماستىن، تەخمىنەن 3000 مىڭ قانۇنسىز مەزمۇننىڭ تىۋىتتېر تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن باياناتتا، «تىۋىتتېر رۇسىيەنىڭ قانۇنىغا قەستەن خىلاپلىق قىلدى» دېيىلدى.
رۇسىيە قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى ئۆچۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن تىۋىتتېرغا 800 مىڭدىن 8 مىليون رۇبلىغىچە جەرىمانە قويۇشقا بولىدىكەن.