مالايشىيا باش مىنىستىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

مالايشىيا باش مىنىستىرى مۇھىددىن ياسىن مارتتا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

1592639
مالايشىيا باش مىنىستىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا باش مىنىستىرى مۇھىددىن ياسىن ئومۇمىي سايلامنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ خەۋىپى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مۇھىددىن ياسىن كوۋىد -19 يۇقۇمى ئاۋغۇستتىن بۇرۇن كونترول قىلىنسا، جىددىي ھالەتنىڭ بالدۇرراق بىكار قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

مۇھىددىن ياسىن يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارالمىغان دۆلەت زىيارەتلىرىنى بۇ يىلغا پىلانلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مارتتا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانىمىز بار. بىز بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىمىز» دېدى.

مۇھىددىن ياسىن بىرما ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇھىددىن ياسىن ئۇزۇندىن بۇيان مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئومۇمىي سايلامنىڭ ئېلان قىلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «سايلام مۇۋاپىق بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھازىرقى مۇھىم ئىش كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشتۈر. بۇنى ھەل قىلغان ۋاقتىمىزدا، سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر كۈنمۇ ساقلاشنى خالىمايمىز. بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئەندىشىمىز يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر