بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

بېرمانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى كياۋ مو تۇن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە  قارشى نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن «دۆلەتكە خىيانەت قىلىش بىلەن» ئەيىبلىنىپ ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1592122
بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرما دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «MRTV» باش ئەلچى تۇننىڭ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلمايدىغان غەيرىي رەسمىي بىر تەشكىلات نامىدىن سۆز قىلغانلىقىنى ۋە باش ئەلچىنىڭ ئۆز ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى  ئېلان قىلدى.

ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن دۆلەتكە خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن باش ئەلچى كياۋ مو تۇن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

كياۋ مو تۇن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بېرما يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بېرمادىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ب د ت نى بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش ۋە دېموكراتىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

بېرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلامدا ئالدامچىلىق بار دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ  دۆلەت ئىچىدە جىددىيلىكنى كۈچەيتىشىدىن كېيىن، 1-فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

ھەربىي ھاكىمىيەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چى قاتارلىق نۇرغۇن مەسئۇللار ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان ۋە دۆلەتتە بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر