ھىندىستاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

ھىندىستان ھۆكۈمىتى «2021-يىللىق ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى قائىدىلىرى» نىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1591252
ھىندىستاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئېلېكتىرونلۇق ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى مىنىستىرى راۋى شانكار پراساد (Ravi Shankar Prasad) بىلەن ئۇچۇر ۋە ئاخبارات مىنىستىرى پراكاش جاۋادېكار (Prakash Javadekar) پايتەخت يېڭى دېھلىدا ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «2021-يىللىق ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى قائىدىلىرى» نىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلېكتىرونلۇق ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى مىنىستىرى راۋى شانكار پراساد بۇ دائىرىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ تەلەپ قىلىنغاندا «زىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ» مەنبەسىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ «زىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ» دۆلەت بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت تەرتىپى، پاراكەندىچىلىك ۋە زىيانلىق جىنسىي مەزمۇنلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھۆكۈمەت تەنقىدنى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ، بىراق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ، تاراتقۇلاردىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا قارشى ئەرز-شىكايەتلىرىنى يەتكۈزەلەيدىغان قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇچۇر ۋە ئاخبارات مىنىستىرى پراكاش جاۋادېكار ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ ئەرز-شىكايەتلەرگە جاۋاب بېرىلىشى مەقسىتىدە ھىندىستانغا «ۋاكالەتچى» تەيىنلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 8-فېۋرال تۋىتتېردىن دۆلەت مىقياسىدا بىر قانچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دېھقانلارنىڭ نامايىشلىرىنى تارقاتقان 1 مىڭ 178 ئادرېسنى تاقىۋېتىشنى ياكى توڭلىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر