بايدىننىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نامزاتى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، پىرېزىدېنت جو بايدىن تەرىپىدىن ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن مىچىگان ئىشتاتىنىڭ سابىق ۋالىيسى جېننىفېر گرانخولمنىڭ مىنىستىرلىقىنى تەستىقلىدى.

1591104
بايدىننىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نامزاتى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي مەجلىسىدىكى بېلەت تاشلاشتا،  64 پالاتا ئەزاسى گرانخولمنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى بولۇشىنى قوللاپ، 35 پالاتا ئەزاسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى.

جېننىفېر گرانخولم 2003 - 2011 – يىللىرى ئارىسىدا مىچىگان ئىشىتاتىنىڭ باشلىقى بولغانىدى.

گرانخولمنىڭ بايدېننىڭ 2050 - يىلغىچە دۆلەتنى كاربون تەسىرىدىن خالىي قىلىش نىشانىنى چۆرىدىگەن ھالدا پاكىز ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر