ئىراق پىرېزىدېنتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى
ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ باغداد بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىراقتا قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى «Brookings» ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتى» تېمىلىق تور يىغىنىغا قاتناشقان سالىھ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ۋەزىپىسىنىڭ تېخىچە تاماملانمىغانلىقىنى، چۈنكى دائېشنىڭ سۈرىيەدە يەر ئاستى گۇرۇپپىلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراق ىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىراقتا قېلىشىنى خالىمايدۇ.»
ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىراق ھەم قوشنىلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سالىھ، دۆلىتىنىڭ «ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئۇرۇشلىرىغا سەھبە بولۇۋاتقانلىقىنى» تەكىتلىدى.
دۆلىتىنىڭ پارىس قولۇقى ھەمكارلىق كېلىشى ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان سالىھ، ئىراقنىڭ رايوندا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئەسكەر سانى، 2 مىڭ 500 ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، 3 مىڭغا يېتىدىكەن.