ئامېرىكا رايون دۆلەتلىرىنى بىرما كۆچمەنلىرىنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رايون دۆلەتلىرىنى بېرما كۆچمەنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى.

1590508
ئامېرىكا رايون دۆلەتلىرىنى بىرما كۆچمەنلىرىنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر سوئالغا  1 - فېۋرالدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان بېرمادا مالىمانچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا جاۋاب بېرىپ: «سوتنىڭ قارارىغا قارىماي، بېرما پۇقرالىرىنىڭ مالايشىيادىن قوغلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېدى.

نېد پرايس: «بىز رايوندىكى بىرما كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ بولغۇچە بىرماغا قايتۇرۇپ بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بېرما ئارمىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان پرايس، ئامېرىكانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئاز سانلىق مىللەتلەرگە داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالايشىياغا قانۇنسىز كىرگەن ۋە سوتنىڭ قارارى بىلەن ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلۇشى ۋاقتىنچە توختىتىلغان بېرما پۇقراسى 114 كۆچمەننىڭ مالايشىيادا تۇرۇش مۇددىتى سوتنىڭ قارارى بىلەن ئۇزارتىلدى.

مالايشىيا كۆچمەنلەر ئىدارىسى 16 – فېۋرالدا بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيادا كۈچكە ئىگە تۇرۇش كىنىشكىسى (ئىقامىتى) بولمىغان، ۋىزا ۋاقتى توشقان ۋە ساياھەت ۋىزىسىنى ئوخشىمىغان مەقسەتتە ئىشلەتكەن بېرما پۇقراسى 1200 كىشىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئالىي سوت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېرما كۆچمەنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بۇيرۇقىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ئىلتىماسىنى 23 - فېۋرالدا قوبۇل قىلىپ، كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

سوتنىڭ قارارىغا قارىماي، مالايشىيا كۆچمەنلەر ئىدارىسى 1200 بىرمالىق كۆچمەننىڭ 1086 نى قايتۇرۇپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر