ئامېرىكا بىرمادىكى 2 گېنېرالغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرمادا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقى سەۋەبلىك 2 گېنېرالغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1588927
ئامېرىكا بىرمادىكى 2 گېنېرالغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان بىرما خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ جاۋابكارلىدىن ھېساب ئېلىنىشى لازىملىقىنى جاكارلىدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چەت ئەللىكلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى قوغداش ئىشخانىسى (OFAC) نىڭ بىرمادىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش بۇيرۇقى بىلەن چېتىشلىقى بار لېيتېنانت گېنېرال موي مىنت تۇن ۋە گېنېرال مائۇڭ ماۋ كياۋنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرما ئارمىيەسى ھەرىكەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، بىرمادا دېموكراتىك  شەكىلدە سايلانغان ھۆكۈمەتنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. بولمىسا، مالىيە مىنىستىرلىقى تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشتىن قىلچە ئايانمايدۇ.»

بىرما ئارمىيەسى، 2020-يىلى، 8-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئالدامچىلىق قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن كېيىن، 1 – فېۋرال كۈنى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، ئارقىدىنلا بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇ چىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دائىرىلەر ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر