ئافغانىستاندا ئۆتكەن يىلى 3000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم ھەرىكىتى (UNAMA) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 3 مىڭ 35 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 5 مىڭ 785 پۇقرا يارىلانغان.

1589123
ئافغانىستاندا ئۆتكەن يىلى 3000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا بۇ ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، ئافغانىستانلىقلار ئارا سۆھبەتنىڭ 2020-يىلى 12-سېنتەبىردە قاتارنىڭ پايتەختۇ دوھادا باشلىنىشى بىلەن بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، ھۇجۇملارنىڭ %46 ىدە تالىبانلارنىڭ، %8 ىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ، %24 ىدە دۆلەت قىسىملىرىنىڭ جاۋابكارلىقى  بارلىقى تەكىتلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم ھەرىكىتى (UNAMA) نىڭ يېقىنقى 7 يىلدا ئافغانىستاندىكى ئۆلۈملەر ھەققىدە دوكلات تەييارلىغانلىقى ۋە  بۇ مەزگىلدە ھەر يىلى 3000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئافغانىستاندىكى ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش تەلەپ قىلىندى.

 

تالىبان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم ھەرىكىتى (UNAMA) نىڭ دوكلاتىنى  رەت قىلىپ، ئۆلۈملەردە ھەقىقىي جاۋابكارلىقى بولغانلارنىڭ ئۈستى يېېپىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تالىبان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈملىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە سەۋەب بولغىنى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ئىكەنكىلىكىنى دەۋا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر