كولومبىيەدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى

كولومبىيەنىڭ نارىنو ئۆلكىسىدىكى يۈز بەرگەن شايكىلار ئارا توقۇنۇشتا يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە 11 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1588931
كولومبىيەدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دىياگو مولانو زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ «كونتادورېس» ۋە «ئولىۋېر سىنېستېررا» دىن ئىبارەت ئىككى شايكىنىڭ رايوننىڭ كونتروللۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئىستىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خەلقنى جىنايەتچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈشكە ياردەملىشىشكە چاقىرغان مولانو، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرى ۋە شايكىلارغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۆلەتنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە كۆپ مىقداردا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مولانو، 2021 - يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە جىنايى تەشكىلاتلارنىڭ 54 ئەزاسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يىل بېشىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 50 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، ئانتىئوكۇا، كاۋكا ۋە نارىنو قاتارلىق ئۆلكىلەر زوراۋانلىقنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئۆلكىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

 


خەتكۈچ: #كولومبىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر