دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​تەشكىلاتى كاتتىۋېشىنىڭ ئايالى قولغا ئېلىندى

«ئېل چاپو» لەقەملىك مېكسىكالىق زەھەرلىك چېكىملىك ​​پادىشاھى جوۋكۇئىن گۇزماننىڭ ئايالى ئېمما كورونېل ئايسپورو ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى بىلەن  ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

1588872
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​تەشكىلاتى كاتتىۋېشىنىڭ ئايالى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى يىل ئىلگىرى «ئېل چاپو» نىڭ سوتىغا دائىم دېگۈدەك قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئېمما كورونېل ئايسپورو، بۈگۈن ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ دۇللېس خەلقئارا ئايرودورۇمىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا سوت قىلىنىدىكەن.

ئايسپورو خىروئىن، كوكايىن ۋە مېتافېتامىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئامېرىكىغا يۆتكەش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئەينى چاغدا فوربېس مىلياردېرلار تىزىملىكىدىنمۇ ئورۇن ئالغان ۋە ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەپ تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان يولدىشى گۇزمان 2001-يىلى مېكسىكا تۈرمىسىدىن كىر كېيىملەر يۆتكەيدىغان ئاپتوموبىلغا يوشۇرۇنۇپ قېچىپ كەتكەن ئىدى.

2001- ۋە 2015-يىللىرىدىمۇ مېكسىكادىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى ئىككى تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، گۇزمان 2016-يىلى 1-ئايدا يەنە تۇتۇلۇپ، ئامېرىكىغا قايتۇرۇلغان ئىدى.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى دەپمۇ ئەيىبلەنگەن ئېل چاپو 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك ئىشتاتىدا  ئېچىلغان سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر