تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھىندىستاننىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈپ بەردى
ئۇكرائىنانىڭ ھىندىستاندىن زاكاز قىلغان 150 مىڭ قۇتا تۇنجى تۈركۈم كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) كىيېۋغا يەتكۈزۈپ بەردى.
1588149
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئاخبارات مەسلىھەتچىلىك ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ ھىندىستاندىن زاكاز قىلغان 150 مىڭ قۇتا تۇنجى تۈركۈم كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنىڭ تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) ئايروپىلانى ئاقىلىق ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىن كونتېنېيېرلىرى بىلەن ئىستانبۇل ئايرودورۇمىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ۋاكسىنىلارنىڭ كېيىن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا تۈركىيە يۈك ئايروپىلانى بىلەن يەتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.