خىتاي ئامېرىكانى خىتاي سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى

خىتاي ئامېرىكاغا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىنسانلار ئارا ئالاقە - مۇناسىۋەتلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.

1588123
خىتاي ئامېرىكانى خىتاي سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى
abd-çin.jpg
Wang Yi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن لانتىڭ مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى باھالاش ۋە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋاڭ يى: «ئامېرىكادىكى قارار چىقارغۇچىلارنىڭ دەۋىرگە ماسلىشىپ، دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىنى ئېنىق كۆرەلىشىنى، تەنقىدىي قاراش ۋە ئاساسسىز گۇمانلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىتاي سىياسىتىنى قايتىدىن مۇۋاپىق يۆنىلىشكە ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ۋاڭ يى خىتاينىڭ بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودا ساھەسىدىكى ھوقۇقىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تاۋارلىرىغا قويغان كېرەكسىز تاموژنا بېجى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە شۇنداقلا  تەتقىقات ۋە مائارىپ ئورگانلىرىغا يۈرگۈزگەن بىر تەرەپلىمە ئېمباگولارغا ھەمدە خىتاينىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنى توسۇش ئۇرۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن 19-فېۋرالدا ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى «خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتكە بىرلىكتە تەييارلىق قىلىشقا» چاقىرغان ئىدى.

ئۇ: «خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت قىيىن بولىدۇ. بۇ مېنىڭ مۆلچەرىم.  مەن بۇنى تەبىئىي ئەھۋال دەپ  قوبۇل قىلىمەن، چۈنكى مەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن 70 يىلدا قۇرۇپ چىققان يەر شارى سىستېمىسىغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر