دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: 2021-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى يىلى بولىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ 2022-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈگەيدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ ناچار سېنارىيەنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1587996
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: 2021-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى يىلى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا دىرېكتورى دوكتور خانس كلۇگ (Hans Kluge) دانىيە دۆلەتلىك رادىيوسى (DR) غا بايانات بېرىپ، 2021-يىلىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى يىلى» بولىدىغانلىقىنى، ئەمما 2020-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تەمكىنلىك بىلەن تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەڭ ناچار سېنارىيەنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى، ۋىرۇس تۇنجى تارقىلىشقا باشلىغان 2020-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ۋىرۇس توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھېچكىمنىڭ ئالدىن بىلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پەرەزلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«2022-يىلىنىڭ بېشىدا يۇقۇمنى ئاخىرلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«ۋىرۇس مەۋجۇت بولىدۇ، بىراق چەكلىمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىمىز دەپ ئويلىمايمەن. بۇ كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان خەۋەر.»

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تۈرى توغرىسىدا توختالغاندا، ۋىرۇسنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، يۇقۇملانغان كىشىگە ماسلىشىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ تېز تارقىلىشىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشەلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ تېز تارقىلىدىغان تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتى سەۋەبىدىن ۋاكسىنالارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا، ۋاكسىنالارنى يېڭى تۈر ۋىرۇسقا قارىتا تەڭشەشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا يېڭى تۈر ۋىرۇسلار ئۈچۈن باشقىدىن ۋاكسىنا ياساشقا كېرەك يوقلۇقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر