ب د ت دېڭىزدا قاپسېلىپ قالغان ئاراكانلىقلار ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى

ب د ت كۆچمەنلەر ئالىي كومىسسارلىقى (UNHCR) ئاندامان دېڭىزىدا قولۋاقتا قاپسېلىپ قالغان بىر گۇرۇپپا ئاراكانلىق مۇساپىرنىڭ دەرھال قۇتقۇزۇۋېلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى.

1588448
ب د ت دېڭىزدا قاپسېلىپ قالغان ئاراكانلىقلار ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كۆچمەنلەر ئالىي كومىسسارلىقى ئاندامان دېڭىزىدا بىر قولۋاقتا قاپسېلىپ قالغان بىر گۇرۇپپا ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ قۇتقۇزېۋېلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى.

چاقىرىقتا، تەخمىنەن 10 كۈن بۇرۇن باڭلادىشنىڭ كوكس (Cox) بازار شەھىرىدىن يولغا چىققان ئاراكانلىقلارنىڭ قولۋاق موتورىدا چىققان كاشىلا تۈپەيلىدىن بىر قانچە كۈندىن بۇيان دېڭىزدا قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

جان قۇتقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن چاقىرىقتا، ئاندامان دېڭىزىدا قولۋاقتا قاپسېلىپ قالغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دەرھال قۇرۇقلۇققا چىقىرىلىشى ئۈچۈن بارلىق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

چاقىرىقتا، بىر قانچە كۈن بۇرۇن سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەكلەر تۈگىگەن قولۋاقتا، يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر