ئامېرىكادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئىككى ئۇچقۇچى قازا قىلدى.
1587353
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى، مىسسىسىپىدىكى كولۇمبۇس ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا ئائىت « T38» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17.30 دە مونتگومېرى رايونلۇق ئايرودۇرۇمغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، قازانىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.