بېيجىڭ تۇنجى قېتىم ھىندىستان - خىتاي چېگرا توقۇنۇشىدا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى

ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن خىتاي – ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدا خىتاينىڭ تۆت ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

1586921
بېيجىڭ تۇنجى قېتىم ھىندىستان - خىتاي چېگرا توقۇنۇشىدا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى، 2020 - يىلى 6 – ئايدا خىتاي – ھىندىستان چېگراسىدىكى گالۋان ۋادىسىدا يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇش توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىپ: خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «2020 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلىك چەت ئەل ئارمىيەسى كۆۋرۈكلەرنى سېلىش ۋە يوللارنى ئېلىش مەقسىتىدە چېگرا سىزىقىدىن ئۆتۈپ، چېگرانىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ قەستەن ئاۋارىچىلىك تۇغدۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان قىسىملىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئەەتكەن ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، ۋەقەدە تۆت خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىرى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

خەۋەردە، توقۇنۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ چىن خوڭچۈن، چىن شياڭروڭ، شياۋ سىيۈئېن ۋە ۋاڭ كۇ لان ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم چېگرا لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشتا تۆت ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولدى.

2020 - يىلى 6 - ئايدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 ئەسكەرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، خىتاي 45 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما خىتاي بۇ دەۋالارنى رەت قىلغانىدى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ساۋ لىچيېن توقۇنۇشتىن كېيىن بايانات بېرىپ، گالۋان ۋادىسىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى غەربىي ساھە قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى كاڭ شۈيلى: «گالۋان ۋادىسى رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرۋاقىت خىتايغا تەۋە» دېگەنىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چيەن 10 - فېۋرالدا خىتاي ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ پانگۇڭ كۆلىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئۆزئارا ماسلىشىپ چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر