ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ يەتتە ئادەم يارىلاندى.

1586025
ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەر، فىلادېلفىيەنىڭ شىمالىدىكى ئولنىي ئاممىۋى قاتناش مەركىزىگە يېقىن جايدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمدا يەتتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلار توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىدى.

بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق بىر گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ساقچىلارنىڭ نەق مەيداندىن ئىككى قورالنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر