ناتو 13 شېھىت ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1585807
ناتو 13 شېھىت ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، گارادا « 13 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرى»نى ئەسكەرتىپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ تۈركىيە خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېنس ستولتېنبېرگ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىككى كۈنلۈك سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە پۇقراسى 13 كىشىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن ستولتېنبېرگ، تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئۇ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىتتىپاقداشلار بۈگۈنكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تەزىيە بىلدۈردى. ئىتتىپاقداشلار تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر