ب د ت باش كاتىپى ۋاكسىنا تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنىڭ باراۋەر ۋە ئادىل تارقىتىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1585826
ب د ت باش كاتىپى ۋاكسىنا تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنىڭ باراۋەر ۋە ئادىل تارقىتىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «نۆۋەتتە ۋاكسىنىنىڭ 75 پىرسەنتىنى پەقەت 10 دۆلەت ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، 130 دىن ئارتۇق دۆلەتكە بىر قۇتىمۇ ۋاكسىنا ئەۋەتىلمىدى» دېدى.

باش كاتىپ گۇتېررېس ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يۇقۇم ۋە ۋاكسىنىنىڭ باراۋەر تارقىتىلىشى توغرىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەگەر ۋىرۇس «دالا ئوت ئاپىتى»گە ئوخشاش تارقىلىپ كەتسە، ئۇدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ تېخىمۇ يۇقۇملۇق ۋە ئەجەللىك ھالەتكە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى..

كوۋىد  - 19 يۇقۇمىغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋاكسىنىنىڭ باراۋەر ۋە ئادىل تەقسىملەنمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن گۇتېررېس: «پەقەت 10 دۆلەت كوۋىد ۋاكسىنىسىنىڭ 75% نى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، 130 دىن ئارتۇق دۆلەتكە بىر قېتىممۇ ۋاكسىنا ئەۋەتىلمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۇنيانىڭ يەر شارىۋى ۋاكسىنىلاش پىلانىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئانتونىيو گۇتېررېس، 20 دۆلەت گۇرۇھىنى يەر شارىۋى ۋاكسىنىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەشكە چاقىردى.


خەتكۈچ: #ۋاكسىنا , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر