ئىران ئۈچ ئىستىخبارات ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان - بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ئۈچ ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1585276
ئىران ئۈچ ئىستىخبارات ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىستىخبارات مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈچ ئىستىخبارات ئەسكىرىنىڭ سىستان - بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى بىر جىنايەت شايكىسىنى كۆزىتىش جەريانىدا قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر «جىنايەت شايكىسى» ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

ئىران تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان «جەيشۇلئەدل» تەشكىلاتى پات - پاتلا دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان سىستان - بالۇچىستان ئۆلكىسىدە قوراللىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر