نىگېرىيەدە بىر ياتاقلىق مەكتەپ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاگارا رايونىدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1585386
نىگېرىيەدە بىر ياتاقلىق مەكتەپ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق ئۇنسۇرلار نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاگارا رايونىدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، (دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا) 26 ئوقۇغۇچى بىلىەن تۆت ئوقۇتقۇچىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى.

كاگارا ئۆلكىلىك ئىلىم- پەن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەمەلدارى ئەبۇبەكىر بابا ئۆمەر، ھازىرچە كىملىكى ئېنىقلىنالمىغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە بىر ياتاقلىق مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 26 ئوقۇغۇچى بىلەن تۆت ئوقۇتقۇچىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇم جەريانىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆمەر، رايونغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قېچىپ قۇتۇلغان ئوقۇغۇچىلاردىن مۇھەممەد ئابدۇللاھى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھەربىي فورما كىيىۋالغانلىقىنى ۋە ھۇجۇم جەريانىدا قاتتىق قول مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھى تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر