ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ساقچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فەرياب ۋىلايتىنىڭ ئالمار ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى 7 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1584781
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەرياب ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى ئابدۇلكېرىم يۇرىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالمار ناھىيەسى مەركىزىدە يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا، ساقچى ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىتىلغان، پارتلاشتا 7 ساقچى جېنىدىن ئايرىلغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.