ئەربىل ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە ئامېرىكا ھەربىي بازىسى جايلاشقان ئايرودۇرۇمغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئالتە كىشى يارىلاندى.

1584358
ئەربىل ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيودى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى جايلاشقان ئايرودۇرۇم باشقۇرۇلىدىغان بپومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمە قىسىم، ئەربىلدىكى ئايرودۇرۇمغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، بىر ئايرودۇرۇم خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بەش توختاملىق خادىم بىلەن بىر ئامېرىكالىق ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلكازىمىنىڭ ئەربىل ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي ئىراق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بارزانى ئەربىل شەھىرىگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىدى ۋە قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا تەكشۈرۈشنى باشلاش يوليورۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «باش مىنىستىر مۇستافا ئەلكازىمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى تېپىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتىم» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى ئانتوني بلىنكېن ھۇجۇمدىن كېيىن بارزانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئامېرىكانىڭ قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش ۋە جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باش مىنىستىر بارزانى بىلەن ۋەقە ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق» دېدى.

بۇ جەرياندا، شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى ئەربىلدىكى ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئەربىلگە ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېتىش ماشىنىسىنى تاپقانلىقى ۋە تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ىەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 15-فېۋرال) كېچە ئەربىل ئايرودۇرۇمىغا 14 راكېتا چۈشكەن. بۇلارنىڭ 10 دانىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىنىڭ سىرتىغا چۈشكەن بولۇپ، تۆت دانىسى تۇرالغۇ جايلىرىغا چۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر