ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسى پ ك ك نىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۆلەم تەلىپىنى رەت قىلدى.

1582918
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسى پ ك ك نىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسى، «تېررورچىلار تىزىملىكى» دىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىدىن شانلى دالوكاينىڭ، «مال – مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى سەۋەبلىك زىيان تارتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆزىگە تۆلەم تۆلىنىش تەلىپىنى رەت قىلدى.

ئەدلىيە مەھكىمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ «تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن ۋە قارارنامە تېكىستىدە، گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ياشاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن شانلى دالوكاينىڭ، «تېررورچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى نەتىجىسىدە تارتقان زىيىنىنى» ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشى توغرۇلۇق سۇنغان تەلىپى ھەققىدە قارار چىقاردى.

لىيۇكسېمبۇرگ سوتى، 2021-يىلى، 10 – فېۋرال كۈنى چىقارغان قارارىدا، دالوكاينىڭ تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە سوت ھەققىنىمۇ دالوكاي تەرىپىدىن تۆلىنىشىنى قارارلاشتۇردى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل دالوكاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇش قارارى سەۋەبىدىن تارتقان زىيانلىرىنى كېڭەشنىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر