ئىران ئامېرىكادىن يادرو مەسىلىسىدە قەدەم بېسىشنى تەلەپ قىلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى جو بايدىن ھۆكۈمىتىدىن «ياخشى نىيەت ۋە پەرقلىق پوزىتسىيە كۆرمىگەنلىكلىرىنى» ئېيتتى.

1581619
ئىران ئامېرىكادىن يادرو مەسىلىسىدە قەدەم بېسىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا سەھىيە ساھەسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بەزى لايىھەلەرنىڭ ئېچىلىشىغا سىن ئارقىلىق قاتناشقان ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى ۋە يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە قەدەم بېسىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى «چوڭ تېررورىست ۋە ۋىجدانسىز» دەپ ئاتىدى ۋە بايدىننى ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت ماڭغان يولدىن قايتىشقا چاقىردى.

ئۇ: «ئىرانغا قارشى ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتى مەغلۇب بولدى. دۇنيادا ھېچكىم بۇنىڭدىن گۇمانلانمايدۇ. ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ھازىرچە ياخشى نىيەت ۋە پەرقلىق پوزىتسىيە كۆرمىدۇق. گەپ-سۆزلىرى ئۆزگەردى، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتنىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس» دېدى.

ئۇ ترامپ قايتا يولغا قويغان ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ئىران خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكادىكى يېڭى ھۆكۈمەت راست گەپ قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا ۋاقىتنى ئىسىراپ قىلماستىن يولىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇرۇنقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر