ئامېرىكا: ۋاشىنگتون - ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق پايدىلار بار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق پايدىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1581298
ئامېرىكا: ۋاشىنگتون - ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق پايدىلار بار

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ئورتاق مۇھىم نۇقتىلىرىمىز مەسىلىسىدە ھەمكارلىق توغرۇلۇق ئىزدىنىۋاتىمىز، ھەمدە ھەر بىر ئىتتىپاقدىشىمىزغا ئوخشاشلا ئىختىلاپلىرىمىز توغرىسىدىمۇ ئەنقەرە بىلەن داۋاملىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.»

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ناتودىكى قىممەتلىك ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا، سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە رايوندىكى يامان نىيەتلىك ئۇنسۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئورتاق پايدىلىرىمىز بار. ئەنقەرە ھالقىلىق مەسىلىلەردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىنىيەسىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلغان، تۈركىيە بىلەن بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدىغان تەقدىردە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەت قارىشىمىزدا چىڭ تۇرالىشىمىز مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر