كابۇلدا ئارقىمۇ ئارقىدىن 3 قېتىم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بەرگەن 3 بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى قازا قىلدى.

1580622
كابۇلدا ئارقىمۇ ئارقىدىن 3 قېتىم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى فېردەۋس فارامارز، كابۇلنىڭ قەلئەيى ئابدۇل ئەلى، كۇۋائىي مەركەز ۋە باراكى رايونلىرىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

فېردەۋس فارامارز ھۇجۇمدا 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە  5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچقايسى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر