«فىرات قالقىنى» رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىندى

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەزىز ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

1580715
«فىرات قالقىنى» رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىگە قاراشلىق يەرلىك خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، كىلىسنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئەزىز ناھىيەسىنىڭ بىر ئاۋات كوچىسىدا  بومبا قۇرۇلمىسىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ  ئالدىنى ئالغان، ھەمدە بومبا قۇرۇلمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا جايلاشقان ئەزىز ۋە باب ناھىيەلىرىدە، 31 – يانۋار كۈنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 24 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر