كېڭەش پالاتاسىدا ترامپنىڭ دەۋاسى بۈگۈن باشلىنىدۇ

ئامېرىكادا 6-يانۋار (2021)يۈز بەرگەن كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە، خەلقنى «ئىسيانغا كۈشكۈرتۈش»بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئىككى قېتىم ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش تەلەپ قىلىنىپ تەكشۈرۈلگەن پىرېزىدېنت ئۇنۋانىغا ئىگە ترامپنىڭ، كېڭەش پالاتاسىدىكى دەۋاسى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

1580266
كېڭەش پالاتاسىدا ترامپنىڭ دەۋاسى بۈگۈن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىنا تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە، ئاۋام پالاتاسىدا «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش» تەلەپ قىلىنغان ترامپ، 2020-يىلى فېۋرالدا كېڭەش پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاقلانغان ئىدى.

2021-يىلى 6-يانۋار بەش كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاشتا، «خەلقنى ئىسيان قىلىشقا كۈشكۈرتۈش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ترامپنىڭ جىنايەتچى ياكى ئەمەسلىكىگە، كېڭەش پالاتاسى قارار چىقىرىدۇ.

سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا، ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش تەلەپ قىلىنىپ، ئۈستىدىن ئىككى قېتىم تەكشۈرۈلگەن، شۇنداقلا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش تەلەپ قىلىنغان بىردىنبىر پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر