گوللاندىيە دۆلەت سىرتىدىن بالا بېقىۋېلىشنى توختاتتى

گوللاندىيەدە دۆلەت سىرتىدىن بالا بېقىۋېلىشنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان ھېچقانداق مۇداخىلە قىلمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1579893
گوللاندىيە دۆلەت سىرتىدىن بالا بېقىۋېلىشنى توختاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان دۆلەتلەر ئارا بالا بېقىۋېلىشنى سۇيىئىستېمال قىلىشلارغا سەل قاراپ، مۇداخىلە قىلماستىن بۇ جەھەتتە يېتەرسىزلىكلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، شۇ ۋەجىدىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇننى قوغداش مىنىستىرى ساندېر دېككېرنىڭ چەتئەلدىن بالا بېقىۋېلىشنى دەرھال توختىتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1967-يىلدىن 1997-يىلغىچە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان بالا بېقىۋېلىشتىكى رولى ۋە مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا «Joustra» ناملىق كومىتېت تەرىپىدىن مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دوكلاتتا، گوللاندىيەنىڭ ئۆتمۈشتە بالا بېقىۋېلىش مەسىلىسىگە ناھايىتى پاسسىپ مۇئامىلە قىلغانلىقى، شۇڭا رەسمىيەتلەرنى نازارەت قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ۋە يۈز بەرگەن سۇيىئىستېماللارغا مۇداخىلە قىلمىغانلىقى تەكىتلەندى.

كومىىتېتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردە قۇرۇلما جەھەتتىن بەزى سۇيىئىستېماللارغا دۇچ كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا يەنە،  گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى بىلىدىغانلىقى، لېكىن ئۈنۈملۈك مۇداخىلە قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، بۇ سۇيىئىستېماللارنىڭ بالىلارنى ئوغرىلاش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇ ئەھۋاللارنىڭ 1960-يىللىرىدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر