ب د ت: شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، شىمالىي كورېيەنىڭ ئېمبارگولارغا قارىماي، 2020 - يىلىمۇ يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1579774
ب د ت: شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيە جازا كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، شىمالىي كورېيە ھەربىي پاراتلاردا قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى كۆرگەزمە قىلغان.

شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئوق بېشىنى سىناق قىلغانلىقى ۋە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، پيوڭياڭنىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى رېمونت قىلىپ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن چەت ئەللەردىن ماتېرىيال ۋە تېخنىكا ئىزدەشنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىغان دوكلاتتا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە پيوڭياڭنىڭ پاراخوتتىن پاراخوتقا يۆتكەش ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىتنى قانۇنسىز ئىمپورت قىلغانلىقىنى تەكشۈرگەنلىكى ۋە يىلدا 500 مىڭ ۋارىل نېفىت چەكلىمىسىدىن كۆپ قېتىمدىن ھالقىپ كېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2017 - يىلى يادرو پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان شىمالىي كورېيەنىڭ چەككىلەنگەن نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا 500 مىڭ ۋارىل چەكلىمىسى قويغانىدى.

كېڭەش يەنە 2006 - يىلدىن باشلاپ شىمالىي كورېيەگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جازا يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر