ياپونىيەدە سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن سودا پاراخوتى سوقۇشۇپ كەتتى

ياپونىيە كوچى ئىشتاتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن بىر سودا-تىرانسىپورت پاراخوتى سوقۇشۇپ كەتتى.

1579443
ياپونىيەدە سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن سودا پاراخوتى سوقۇشۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ۋاقتى تەخمىنە 10:50 دە، كوچى ئىشتاتىنىڭ تىنچ ئوكيان ساھىلدىكى ئاشىزۇرى تۇمشۇقى تەۋەلىكىدە، ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن بىر سودا-تىرانسىپورت پاراخوتى سوقۇشۇپ كەتتى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋەقەدە سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئۈچ خادىمى يارىلانغان. ئەمما، پاراخوتتا ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمىگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىنىڭ كىرىزىسلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر