ئامېرىكانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنىلىغا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان باشلىق بولدى

ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكولتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەڭ داڭلىق قانۇن ژۇرنىلى «Law Review» (قانۇن ئوبزورچىلىقى) نىڭ باشلىقلىقىغا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان تەيىنلەندى.

1579134
ئامېرىكانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنىلىغا تۇنجى قېتىم بىر مۇسۇلمان باشلىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 26 ياشلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ھەسەن شاھاۋى 134 يىللىق ژۇرنالنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.

كالىفورنىيەدە ئەسلى مىسىرلىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن شاھاۋى، يېڭى ۋەزىپىسىنىڭ قانۇن فاكولتېتىنىڭ كۆپ خىللىققا ئەھمىيەت بېرىغانلىقىنى ۋە باشقا قانۇن ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى نۇقتىسىدىنمۇ موھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شاھاۋى 2016-يىلى ئوتتۇرا شەرق تارىخى ۋە تەتقىقاتى بىلەن ھارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ شەرق تەتقىقاتى ۋە ئىسلام قانۇنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئىدى.

شاھاۋى ھازىر ئامېرىكانىڭ پاناھلانغۇچىلار نوپۇسى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى ئىسلاھاتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ 1990-يىلى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تۇنجى ئافرىقالىق دىرېكتورى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر