ھىندونېزىيەدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 5672 ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق بەكاسى رايونىدا، شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 5672 ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى.

1579364
ھىندونېزىيەدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 5672 ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كەچتىن بېرى تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان شىددەتلىك يامغۇر ئاز دېگەندە 12 رايوندا كەلكۈن ئاپىتىگە سەۋەپ بولدى.

نۇرغۇنلىغان جايلاردا سۇ سەۋىيەسىنىڭ 1.5 مېتىر ئۆرلىگەنلىكى ۋە  5672 ئۆينىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ۋەيا كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

سەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا  ياردەم بېرىش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

بۇ ئارىلىقتا، پايتەخت جاكارتانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي جاكارتا رايونىدىمۇ شىددەتلىك يامغۇرلار كەلكۈنگە سەۋەب بولدى.

سۇ سەۋىيەسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بەزى رايونلاردىكى خەلق  بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر