بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئۇران قويۇقلاندۇرۇشنى توختاتمىغۇچە ئىرانغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1579104
بايدىن ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن 20 – يانۋاردا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنى CBS  قانىلى بىلەن ئۆتكۈزدى.

بايدىن سۆھبەتنىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا رىياسەتچىنىڭ: «ئامېرىكا ئىراننى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن جازانى بىكار قىلامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «ياق. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇران قويۇقلاندۇرۇشنى توختىتىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

بايدىن ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا «ئەگەر بەزى شەرتلەر ھازىرلانسا»،  ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، دۆلىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ئەھدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن،  ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ بارلىق جازالارنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئەلى خامەنېي جازانىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇران قۇيۇلدۇرۇشنى توختىتىشنى شەرت قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى باياناتىغا تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئۇنىڭدىن چېكىنىش يوق» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفمۇ بىر تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدا تېھراننىڭ ئامېرىكا بىلەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىددا قايتا سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئىران يادرو كېلىشىمىگە سادىق، بىز ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشىنى كۈتىمىز» دېدى.

ئىران بىلەن خىتاي، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 2015 – يىلى تېھراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى ۋە تەكشۈرۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشىم ئىمزالانغانىدى.

بىراق، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن ۋاشىنگتون، 2018 – يىلى 8 – مايدا كېلىشىمدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىپ، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغانىدى.

ئىرانمۇ 2019 – يىلى ئىيۇلدا يادرو كېلىشىمىنىڭ بەزى ماددىلىرىنى، 2020 – يىلى 5 – يانۋاردا بولسا كېلىشىمنىڭ بارلىق ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ۋەدىلىرىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر