بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 327 مىڭ 360 قا يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 106 مىليون 691 مىڭدىن ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 78 مىليون 379 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1579247
بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 50 كىشى قازا قىلدى. 4109 كىشى يۇقۇملاندى. ھىندىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 155 مىڭ 78 گە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىليون 831 مىڭ 379 غا يەتتى.

كامبودژادا بۈگۈنگە قەدەر 474 كىشىدە كوۋىد -19 بايقالغان بولۇپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى كامبودژاغا 600 مىڭ سىنوفارما ۋاكسىنىسى تابلىتى ئىئانە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن 2413 كىشى قازا قىلغان ۋە 55 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان بولۇپ، ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن دورا شىركىتى «AstraZeneca» تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 500 مىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى تۈنۈگۈن كابۇل ھامىد كارزائىي ئايرودورۇمىغا يېتىپ كەلدى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن بۈگۈنگە قەدەر 5 مىڭ 121 كىشى قازا قىلىپ، 692 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان ئىسرائىلىيەدە بولسا، كۈنىگە 100 مىڭدىن 120 مىڭغىچە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى %50 تۆۋەنلىدى.

تۇنىستا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 52 كىشى ئېشىپ، 7 مىڭ 214 كە، لىۋاندا بولسا،  54 كىشى ئېشىپ، 3 مىڭ 616 گە ئۆرلىدى.

قاتار كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى ۋە داۋالاش ياردىمى تارقىتىش مەسىلىسىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى. مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇلۋا ئەلخاتىر: «بەزىلەرنىڭ كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى مونوپول قىلىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بار. بىز بۇنى قەتئىي رەت قىلىمىز. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنى رەت قىلىشى كېرەك»دېدى. قاتاردا يۇقۇم سەۋەبىدىن 250 كىشى قازا قىلغان ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 154 مىڭ 98 گە يەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر