خىتاي دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىردى

ياپونىيە، خىتاي دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1578722
خىتاي دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىردى
japonya.jpg
japonya bayragi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 6-فېۋرال) خىتايغا تەۋە ئىككى پاراخوتنىڭ ياپونىيەنىڭ  دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خىتاي تەرەپنىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى «قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئۆلكىسى ناھا شەھىرىگە قاراشلىق 11-رايون دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت بازىسى تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 04:45 ئۆتكەندە، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە ئەترىتى رايونغا ئەۋەتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر