ھىندىستاننىڭ ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە، سۇ ئامبىرى تېشىپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە، ھىمالايا تېغىدىن چۈشكەن مۇز پارچىلىرى سۇ ئامبىرىنىڭ تېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

1578829
ھىندىستاننىڭ ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە، سۇ ئامبىرى تېشىپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقىندا دەريا بويىدىكى يېزا-كەنتلەردە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆلكە مەسئۇلى ئوم پراكاش قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلىندى.

ئۇتتاراخاند ئۆلكىسى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى بىلەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. 2013-يىلى يۈز بەرگەن كەلكۈندە 6 مىڭغا يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر