خىتايغا ئائىت پاراخوتلار ياپون سۇ تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرى شەرقىي خىتاي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ياپونىيە سۇ تەۋەلىكىگە كىردى.

1578302
خىتايغا ئائىت پاراخوتلار ياپون سۇ تەۋەلىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان  ناخادىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىنى دەپسەندە قىلغان. جۈملىدىن، خىتاي  دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە ئائىت ئىككى پاراخوت، شۇ جاي ۋاقتى 04:45 ئەتراپىدا، شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

بۇ پاراخوتلار، مىنامىكوجىما ئارىلىنىڭ تەخمىنەن 22 كىلومېتىر جەنۇبىدا، شۇ جاي ۋاقتى 04.52 ئەتراپىدا ياپون بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە يېقىنلاشقان، ۋەقەدىن كېيىن رايونغا ياپونىيەنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى ئەۋەتىلگەن.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ باشقا ئىككى پاراخوتىمۇ، سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر