ئەنگلىيە: يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللار كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى قارشى ئالىمىز

ئەنگلىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى يەنە بەش يىل ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1577185
ئەنگلىيە: يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللار كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى قارشى ئالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ «مۇقىملىق، ئاشكارىلىق ۋە ئىشەنچ» يارىتىشقا تۆھپە قوشىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە بەش يىل ئۇزارتىلغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ يېڭى قوراللارنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «كېلىشىم ماقۇللانغاندىن بۇيان ھېچقانداق قورال كونترول قىلىش كېلىشىمىگە كىرگۈزۈلمىگەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋە باشقا قورال سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دۇنياۋى مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەردى. بىز ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن داۋاملىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر